جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گوئىتا بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالى مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى ئاسسىمى گوئىتا بىلەن تېلېفونلاشتى.

1837585
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گوئىتا بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئاسسىمىنىڭ تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە – مالى مۇناسىۋىتى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ مالىنىڭ سىياسىي باسقۇچقا ئۆتۈش مۇساپىسى ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مالىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئوخشاش شەكىلدە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە فەتۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مالىدىكى پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مالىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشتىن ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قەدەم تاشلايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر