ئەردوغان ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن بۇ دۆلەتتە بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ.

1833928
ئەردوغان ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىگە توغرا كېلىدىغان زىيارىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە سىرتىدا تۇنجى قېتىم ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلىدىغان «ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېكنوفېست (تېخنولوگىيە فېستىۋالى) ئەزەربەيجان» نىڭ كۆزەتكۈچىلەر بايرىمىغا قاتنىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر