قايغۇلۇق خەۋەر... شىمالىي ئىراقتا ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى.
1911259
تۈركىيە ئاۋاى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلارنىڭ تويۇقسىز ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەرنىڭ نەق مەيداندا، يارىلانغان ئۈچ ئەسكەرنىڭ ئىككىسىنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.