ئەردوغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1829929
ئەردوغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىق تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىق ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ئەندىشىلىرى ۋە ھەقلىق تەلەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ قارمىقىدىكى شەخسلەر ۋە ئاتالمىش  جەمئىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالغان ئۇنسۇرلار ۋە  جەمئىيەتلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بۇنىڭ ئىتتىپاق ھەمكارلىقى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئۇ يەنە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تەقدىردە، بۇ ئىككى دۆلەتتىن، ھەمكارلىق روھىغا ئۇيغۇن ھالدا مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشىنى كۈتۈشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر