چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى بىلەن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
1829143
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى ب د ت مەركىزىدە، باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن كۆرۈشتى.
ب د ت باش كاتىباتلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، گۇتېرس تۈركىيەگە كۆپ تەرەپلىكنى قوللىغانلىقى ۋە ب د ت غا قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتقان.
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە رايون مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، سۈرىيە، لىۋىيە، ئافغانىستان ۋە قىبرىس مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.