ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن تۈنۈگۈن كەچتە ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن تۈنۈگۈن كەچتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

1827260
ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن تۈنۈگۈن كەچتە ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك – ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 15-مايدىن 17 – مايغىچە داۋاملىشىدىغان زىيارەت دائىرىسىدە، تۈركىيە-ئالجىرىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تۇنجى يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە، ئەردوغان ۋە تېببۇننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت فۇئات ئوكتاي ۋە تېببۇن ئەتە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-ئالجىرىيە سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر