تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھەيئىتى باكۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ھەيئىتى ئەزەربايجان پايتەختى باكۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

1827673
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھەيئىتى باكۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 16-18-ماي (2022) كۈنلىرى ئېچىلىدىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىتتىپاقى تەشكىلاتى پارلامېنت مەجلىسىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

مۇستافا شەنتوپ ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساھىبە گافاروۋا بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىتتىپاقى تەشكىلاتى پارلامېنت مەجلىسىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەيئەت باشلىقلىرىغا بېرىلىدىغان كەچلىك تاماق زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر