ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېھاممېر بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1822471
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
Karl Nehammer.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئاۋسترىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (ئاپا) غا بېرىلگەن يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېھاممېر، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا چاقىرىلىدىغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ناتوغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن سىرت يەنە، تۈركىيە – ئاۋسترىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلماقتا ئىكەن.

ئاۋسترىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، باش مىنىستىر  نېھاممېرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى مۇنداق نەقىل كەلتۈرۈلگەن: «ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق كۆرۈشۈشۈم، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىم ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبەتلىرىم نەتىجىسىدە، <ئىستانبۇل باسقۇچى> نىڭ، ياۋروپادا تىنچلىق ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت سۈپىتىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە، يېقىنقى مەزگىلدە تۈرلۈك سەۋىيەلەردە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلگەنىدى.

ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندېر شاللېنبېرگنىڭ «ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە نېھاممېرنىڭ 12-ئاپرېل رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبەتلىرى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر