بۈگۈن «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» كۈنى

بۈگۈن بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى قىزغىن تەبرىكلەۋاتىمىز.

1816725
بۈگۈن «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» كۈنى

1920 – يىلى 23 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغان كۈن بولۇپ، كېيىن «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

  بۈگۈن، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى - سەلتەنەت تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن، مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق بايرىمى سۈپىتىدە پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى تەرىپىدىن تەبرىكلىنىشى ۋە «مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» دا دادىسى شېھىت بولۇپ كەتكەن بالىلارنى سۆيۈندۈرۈش ئۈچۈن،  «مىللىي بايرام»  كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى»، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە. جۈملىدىن، ئۆسمۈرلىرىمىز ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەردە ئائىلىلىرى بىلەن ئۇچراشماقتا ۋە بۇ قۇتلۇق بايرامنى چەكسىز شاد – خۇراملىق ئىلكىدە تەبرىكلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر