فاھرەتتىن ئالتۇن ھەممە دۆلەتنىڭ ئىستانبۇل مۇساپىسىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش نۇقتىسىدا مۇھىم ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەممىنىڭ ئىستانبۇل مۇساپىسىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1814604
فاھرەتتىن ئالتۇن ھەممە دۆلەتنىڭ ئىستانبۇل مۇساپىسىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە تۈركىيەگە بولغان تەسىرلىرى: تەھدىتلەر ۋە پۇرسەتلەر» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۇ ياۋروپا ۋە پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە، تۈركىيەنىڭمۇ ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مەزكۇر كىرىزىسنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ مۇقىملىق ئاكتىيورى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن بولغان قويۇق دىيالوگدىن باشتىن تارتىپلا كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن مۇھىم ئىمكان سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ دەسلەپتە ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە، ئارقىدىن ئىستانبۇلدىكى دولماباغچە سارىيىدا مۇزاكىرە ئۈستىلىنىڭ قويۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، مۇنداق دېدى:

«شۇنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچىمەن، ئىستانبۇل مۇساپىسى ھازىرمۇ ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشى ۋە تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشىدا مۇھىم ئىمكان سۈپىتىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا تۇرماقتا. شۇڭا، جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش، ھەممە ئىستانبۇل مۇساپىسىنى قوللىشى كېرەك.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەس، بەلكى تەڭپۇڭ سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى، بولۇپمۇ مۇزاكىرەلەردە ئوينىغان ئاسانلاشتۇرغۇچى رولىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئىجابىي قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا زۆرۈر بولغاندا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر