ئەردوغان بىلەن نېخاممېر تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېر بىلەن تېلېفونلاشتى.

1810249
ئەردوغان بىلەن نېخاممېر تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر كارل نېخاممېرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە-ئاۋسترىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ۋە رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىندىن بۇيان قويۇقلىشىشقا باشلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىلەردىن خۇشال ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىنسانىي رىشتىنى تەشكىل قىلغان ئاۋستىرىيەدىكى تۈركىيە جامائىتىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان سەزگۈرلۈكنىڭ، نۆۋەتتىكى ئىجابىي كەيپىياتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئەردوغان 24- فېۋرالدىن باشلاپ ئۇرۇش ھالىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە- ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تۇراقلاشقان مېخانىزملىرىنىڭ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۇشى، (تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن) ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مۇساپىسىدە كونكرېت ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، (ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىدە) يېڭى سۆھبەت ساھەلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە تاموژنا بىرلىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلمەستىن باشلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كاسپىي ئويمانلىقى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ، ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى مۇھىم تارقىتىش مەركىزى بولغان ئاۋسترىيە بىلەن بولغان بۇ نۇقتىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر