تۈركىيە يەنە بىر قېتىم دىپلوماتىك ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ھەرىكەتكە ئۆتتى.

1796505
تۈركىيە يەنە بىر قېتىم دىپلوماتىك ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە پايتەختى موسكۋاغا يېتىپ باردى.

ئۇ موسكۋادا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن، ئىككى تەرەپ ۋە خەلقئارا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ موسكۋادىكى ئۇچرىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇكرائىناغا بارىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (15-مارت) مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە 2022-يىلى 10-مارتتا ئۇكرائىنا-رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى رامكىسىدا ئۆئارا ئۇچراشتۇرۇپ، مۇھىم دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر