مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنىڭ نېمە بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنىڭ ئىقتىساد، ئارمىيە، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۈچى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى (ADF) دائىرىسىدىكى «ياشلار» تېمىسى بىلەن تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا، ياشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇردى.
چاۋۇشئوغلۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنىڭ ئىقتىساد، ئارمىيە، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۈچى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچ ئۇقۇمىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن باشقا يەنە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى، تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە قىزىل ئاي جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تۈركىيەنىڭ يۇمشاق كۈچى نۇقتىسىدىن ئۈلگىلىك ئورگانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: «بىر دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك كۈچى، مېنىڭچە يۇمشاق كۈچىدۇر» دېدى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ يۇمشاق كۈچىدە تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
چاۋۇشئوغلۇ كۈلتۈر دىپلوماتىيەسىگە ئىنتايىن ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆپ كۆرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «بىز سەنئەتچىلىرىمىز، رەسساملىرىمىز، مۇزىكانتلىرىمىز، سەنئەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۇتۇق قازانغان دوستلىرىمىزنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاۋاتىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.