ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىردا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 7 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1783502
ئىزمىردا نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ مەندەرەس ناھىيەسىدىكى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 7 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر