تۈركىيە بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ خاتىرە كۈنىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە 2021-يىلى 1-فېۋرال بېرمادا يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ خاتىرە كۈنىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بىرما ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1771520
تۈركىيە بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ خاتىرە كۈنىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر قانداق سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە ھەربىي مۇداخىلىگە قارشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «بىز 2021- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى بېرمادا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بىرىنچى يىللىق خاتىرە كۈنىدە، دۆلەت ۋەزىيىتىنىڭ ناچار بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەكتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دېموكراتىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ۋاقتىدا يولغا قويۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «بىز ناچار شارائىتتا ياشاۋاتقان روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە روھىنگا مەسىلىسىگە چارە تېپىش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئارزۇمىزنى تەكرارلايمىز» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.

بېرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىردىكى چوڭ سايلامدا ئالدامچىلىق قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە دۆلەت ئىچىدە سىياسىي جىددىيچىلىك باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر