ئەردوغان: تىلىمىزنى قوغداش كۈرىشىمىز مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ئاساسىدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك تىلىنى قوغداش ۋە تېخىمۇ بېيىتىش كۈرىشىنىڭ ئەسلىدە مىللىي كۈرەشنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1769524
ئەردوغان: تىلىمىزنى قوغداش كۈرىشىمىز مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ئاساسىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يۇنۇس ئەمرە يىلى ئۈن – سىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تۈرك تىلىنى پاساھەتلىك ھەم توغرا شەكىلدە ئىشىتىشكە كاپالەتلىك قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى» غا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئەسلىدە ھەر بىر تىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئېستېتىكا بىلەن يوغۇرۇلغان بىر شېئىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەك – شۈبھىسىزكى، ئۆز تىلىمىز بولغان تۈركچىىز مىسلىسىز ئالاھىدىلىككە ئىگە. چۈنكى تۈركچە بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدۇر، ئاتا مىراسىمىزدۇر، ئىستىقبالىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر، تۈركچەنىڭ ھەر بىر سۆزى بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەرگە ئوخشايدۇ. ئۆز تىلىنى قوغداپ قالالمىغان بىر مىللەتنىڭ، ھامان بىر كۈنى ئېتىقادىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىرىدىن بىر – بىرلەپ ئايرىلىپ قېلىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىشى مۇقەررەردۇر. دەرۋەقە، تىلىمىزنى قوغدىيالماي تۇرۇپ، مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكىگە ئىشەنچ بىلەن نەزەر تاشلىيالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. تىلىمىزنى قوغداش ۋە تېخىمۇ بېيىتىش كۈرىشى ئەسلىدە مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ئاساسىدۇر.»

ئۇ يەنە، بۈگۈنكى كۈندە ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىن سېپىلىغىچە سوزۇلىدىغان پايانسىز تېرروتېرىيەدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىلنىڭ تۈركچە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر