تۈركىيەدە ئۆتكەن يىلى بوۋاقلارغا قايسى ئىسىملار ئەڭ كۆپ قويۇلدى؟

تۈركىيەدە ئۆتكەن يىلى 1 مىليون 47 مىڭ 975 بوۋاق دۇنياغا كەلدى.

1766937
تۈركىيەدە ئۆتكەن يىلى بوۋاقلارغا قايسى ئىسىملار ئەڭ كۆپ قويۇلدى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق نوپۇس ۋە گېراژدانلىق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىلىدىغان ئىسىملىرى سۈپىتىدە ئوغۇللارغا يۈسۈپ 7 مىڭ 134 قېتىم، ئالپارسلان 6 مىڭ 304 ۋە مىراچ 5 مىڭ 777  قېتىم قويۇلغان.

بۇ ئىسىملارنىڭ ئارقىدىن رەت بويىچە ئۆمەر ئاساف، ئەيمەن، گۆكتۇغ، ئۆمەر، مۇستافا، ئاراس ۋە ئەلى ئاساف قاتارلىق ئىسىملار قويۇلغان.

قىزلارغا بولسا، ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىملار ئىچىدە زەينەپ بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

ئۆتكەن يىلى زەينەپ دېگەن ئىسىم 10 مىڭ 130 بوۋاققا قويۇلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 6 مىڭ 546 بوۋاققا ئېلىف، 6 مىڭ 496 بوۋاققا ئاسەل دېگەن ئىسىم قويۇلغان

قىز بوۋاقلارغا ئەڭ كۆپ قويۇلغان باشقا ئىسىملار رەت بويىچە، ئاسىيە، دەفنە، ئازرا، نەھىر، زۇمرا، ئەيلۈل ۋە ئەجرىن بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر