چاۋۇشئوغلۇ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانا ئېچىشىغا ئىجازەت بېرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1765880
چاۋۇشئوغلۇ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د گە ئىشخانا ئېچىش ئىجازىتى بېرىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيە ياكى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ قالغان تەقدىردە، بۇنىڭ بەدىلىنى ئېغىر دەرىجىدە تۆلەتكۈزىمىز» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېۋا مارىيا لىمېتس بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ ئۇ، رىم دائىرىلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ گە ئىشخانا ئېچىشقا رۇخسەت قىلىشى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىقى ۋاكالىتەن ئۇرۇشلاردا ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى، سۈرىيەدىمۇ دائېشقا قارشى كۈرەشتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تونىغا ئورۇنۇپ تۇرۇپ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ: «رىم تەرىپىنىڭمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا، پ ك ك غا بۈگۈنگىچە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ مەخپىي ئىش ئەمەس. ئەمما، شۇنى دېيىشنى خالايمەنكى، ئۇ يەردە ئىشخانا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىنىۋاتىدۇ، كېيىن بۇ يەردىن ھەرقانداق بىر تەھدىت كېلىپ قالسا، تۈركىيە ياكى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە، قىبرىس تۈركى قېرىنداشلىرىمىزغا بىرەر ھۇجۇم قىلىنىپ قالسا، بۇنى بەدىلىنى تۆلەتكۈزىمىز. بۇ بەدەل ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوت بىلەن ئويناشمىسۇن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتمىسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر