44 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان «جازالاندۇرۇش ھەربىي ھەرىكەتلىرى» داۋامىدا 44 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1763077
44 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار: ئاقار، پايتەخت ئەنقەرەدە، شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان «جازالاندۇرۇش ھەربىي ھەرىكەتلىرى» ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورچىلارنىڭ خائىنلارچە بومبا ھۇجۇمىدا 3 قەھرىمان تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورچىلارنىڭ خائىنلارچە ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېنىقلاپ چىقىلغان نىشانلارغا قارىتا <جازالاندۇرۇش ھەربىي ھەرىكەتلىرى> نى قوزغىدۇق، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز تەرىپىدىن 44 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، شېھىتلىرىمىزنىڭ قانلىرى يەردە قالمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز قالمايدۇ. سۈرىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمگە رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، چېگرا لىنىيەلىرىمىزدىن ھالقىپ كېلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلارغا قارىتا سەۋر - تاقىتىمىز   قالمىدى. ھەر بىر ھۇجۇمغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر