تۈركىيە سۇدانغا ۋاكسىنا ئىئانە قىلىدۇ

تۈركىيەنىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىرفان نەزىرئوغلۇ تۈركىيەنىڭ سۇدانغا بىر مىليون قۇتا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1762456
تۈركىيە سۇدانغا ۋاكسىنا ئىئانە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى نەزىرئوغلۇ سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزاسى مايور گېنېرال ئىبراھى جابىر بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى؛ نەزىرئوغلۇ، ئىككى تەرەپ ئوخشاش كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، جابىرغا 12 - ئايدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك تۈركىيە- ئافرىقا ھەمكارلىق يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

نەزىرئوغلۇ، مەزكۇر يىغىندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىنى 15 مىليون قۇتا يۇقۇم ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە سۇدانغىمۇ 1 مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جابىر بولسا، تۈركىيەنىڭ ھەر دارئىم سۇداننىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، سۇداننىڭ بۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ سانائەت ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ۋاكسىنا ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر