تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 173 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 173 كىشىىگە يەتتى

1759855
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 173 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  384 مىڭ 49 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 61 مىڭ 727 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 35 مىڭ 163 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 136 مىليون 281 مىڭ 40 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر