تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئەتە قازاقىستان توغرىسىدا جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى.

1760194
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ، تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تۈركىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئەتە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، قازاقىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىننىڭ مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تېلېۋىزىيە يىغىنى شەكلىدە ئېچىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر