تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قازاقىستاندىن 6 نەپەر خادىمىنى قايتۇرۇپ كەلدى
قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن پايتەخت نۇر سۇلتاندا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار توختىلغان بولۇپ، نۇر سۇلتاندا تۇرۇپ قالغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە 2 نەپەر ئۇچقۇچىسى ۋە 4 كابىنېت خادىمى دۇبەي ئارقىلىق تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.
1759575
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇر سۇلتاندىن 6 كىشىلىك گۇرۇپپىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇدىرىيەت رەئىسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىرەئىسى ئىلكەر ئايجىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن خىزمەت ئىشلەندى.
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە 6 نەپەر خادىم كېچىدە باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلان بىلەن نۇر سۇلتاندىن دۇبەيگە ئېلىپ بېرىلدى.
ئايروپىلان خادىملىرى دۇبەيدىكى ئايرودورۇمدىن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 02:40 دە يولغا چىققان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلانى بىلەن سەھەردە ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.
ئالمۇتادا قالغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە باشقا خادىملارنىمۇ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.