ئەردوغان: تۈركىيەنى تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتنىشىدا مەركىزىي دۆلەتكە ئايلاندۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتنىشىدا مەركىزىي دۆلەتكە ئايلاندۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1759372
ئەردوغان: تۈركىيەنى تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتنىشىدا مەركىزىي دۆلەتكە ئايلاندۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قارامان – كونيا تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش  ئۈچۈن يېتىپ بارغان كونيادا خەلقكە خىتاب قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، قارامان – كونيا  تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق يېپيېڭى بىر دەۋرنى باشلاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ ھەممىلا يېرىگە تېز سۈرئەتلىك پويىز بىلەن بارغىلى بولىدىغان شارائىتنىڭ يارىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ 10 مىڭ 959 كىلومېتىرلىق تۆمۈر يولى لىنىيەلىرىنى 13 مىڭ 222 كىلومېتىرغا يەتكۈزگەنلىكلىرىنى، 1213 كىلومېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك پويىز ۋە 219 كىلومېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىنى بەرپا قىلغانلىقلىرىنى، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىن قوزغالغان بىر پويىزنىڭ، ياۋروپا ۋە بالقان رايونىدىن ئۆتۈپ، ئەدىرنەدىن تۈركىيەگە كىرگەندىن كېيىن، مارمارايدىن ئۆتۈپ، ئانادولۇغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئانادولۇنى باشتىن – ئاخىر كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ پويىز، قارس – تىفلىس – باكۇ تۆمۈر يولى لىنىيەسى ئارقىلىق ئاسىياغا، ئۇ يەردىن بېيجىڭغا يېتىپ بارالايدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق لايىھەگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى تىرانسپورت ۋە قاتناشقا تەييار ھالغا كەلتۈرۈش يولىدا ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ كەتتۇق، تۈركىيەنى باشقا كۆپلىگەن ساھەلەردىكىگە ئوخشاش تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتنىشى ۋە تۆمۈر يولى تىرانسپورتىدىمۇ مەركىزىي دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، نۇتىقىدىن كېيىن، كونيا بىلەن قارامان ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ، قارامانغا قاراپ يولغا چىقتى، قارامانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، قارامان  - كونيا تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسى ۋە قۇرۇلۇشى تاماملانغان باشقا لايىھەلەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنى مائارىپتىن سەھىيەگىچە، ئامانلىقتىن ئادالەتكىچە، قاتناشتىن ئېنېرگىيەگىچە ھەر ساھەدە گۈللەندۈرىدىغان سېلىنمىلار ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى يېقىنقى مەزگىللەردە نۇرغۇن جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىق ۋە پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچار قىلىش كويىدا بولۇۋاتقانلارنىڭ خىيانەتلىرىنى ئاشكارىلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر