مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى تەبرىكلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوشىماسا خاياشىنى تەبرىكلىدى.
1758266
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوشىماسا خاياشى بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.