مىنىستىر ئاقار كوسوۋو پىرېزىدېنتى ئوسمانى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار كوسوۋودا پىرېزىدېنت ۋژوسا ئوسمانى ۋە باش مىنىستىر ئالبىن كۇرتى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

1753965
مىنىستىر ئاقار كوسوۋو پىرېزىدېنتى ئوسمانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا زىيارىتىدىن كېيىن كوسوۋوغا بېرىپ، كوسوۋو پايتەختى پرىستىنادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارمېند مېخاج، ئارقىدىن كوسوۋو پىرېزىدېنتى ۋژوسا ئوسمانى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاقار ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىسرەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ كوسوۋونىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئوسمانى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە بېرىپ، باش مىنىستىر ئالبىن كۇرتى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە بىلەن كوسوۋونىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، كوسوۋونىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىشىغا بولغان نارازىلىق ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇشتا كونكرېت تەدبىر قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر