«ئىلىم-پەن تۈركىيەنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىنىڭمۇ كاپالىتى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنولوگىيەنىڭ تايانچ كۈچى بولغان ئىلىم-پەننىڭ تۈركىيەنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىنىڭمۇ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1753781
«ئىلىم-پەن تۈركىيەنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىنىڭمۇ كاپالىتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى ۋە تۈركىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم-پەن مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «سانائەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ساناقلىق دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىش نىشانىنى بويلاپ، ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمىزنى ئىزچىل تۈردە يەنىمۇ يۈكسەك سەۋيەگە يەتكۈزۈپ، يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز،  تېخنولوگىيە مۇستەقىللىقىنىڭ، سىياسىي مۇستەقىللىقنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت روشەن ئىلمىي ھەقىقەتنى بويلاپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىلىم – پەنگە، ئالىملارغا ۋە تېخنولوگىيەگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىز بۇ سايىدا تېخنولوگىيەنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ، تىرىشچانلىقلارنىڭ مېۋىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، تۈركىيە يەر شارىۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدە بۇ يىل بىراقلا 10 بالداق يۇقىرى ئۆرلەپ،  41-ئورۇنغا ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئالدىنقى قاتاردىكى 50 چوڭ  دۆلەت ئىچىدە ئەڭ زور قۇدرەت تاپقان دۆلەتكە ئايلاندى، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى ئېتىبارى بىلەن، يىللىق نىسبەتتە 221 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت سوممىسىنى قولغا كەلتۈردۇق، خۇدايىم بۇيرىسا،   سودا ئاكتىپ بالانىسى ئاشىدىغان كۈنلەر يېقىنلاپ قالدى، كومپاسمىز قوشۇلما قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتۇر، يۆنىلىشىمىز مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت ۋە تەرەققىياتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر