تۈركىيەنىڭ ۋارشاۋادىكى ئەلچىخانىسى ئاتەش توپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيەنىڭ پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادىكى ئەلچىخانىسى ئاتەش توپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1753879
تۈركىيەنىڭ ۋارشاۋادىكى ئەلچىخانىسى ئاتەش توپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەن بىر كىشى ئۈچ دانە ئاتەش توپنى ئەلچىخانا بىناسىغا قارىتىپ ئاتقاندىن كېيىن قېچىشقا ئۇرۇندى، ساقچىلار بىلەن رايوندىكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى گۇماندارنى قولغا چۈشۈردى.

ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ۋەقە نەتىجىسىدە ئىككى ساقچى ئاپتوموبىلى زىيانغا ئۇچرىدى.

ساقچىلارنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر