جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەگە خاس يېڭى ئىقتىسادىي ئەندىزە بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1752423
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈنۈگۈن كەچتە بىر قىسىم خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرلەشمە نەق مەيدان سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىقتىسادىي ۋە پۇل - مۇئامىلە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئاشۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۈنۈملۈك قىلىش ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سۆزىدە تۈركىيە نىڭ كوۋىد - 19 يۇقۇمىغا قارشى تېز سۈرئەتتە ۋاكسىنا تەرەققىي قىلدۇرالىغان 9 دۆلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، تۇركوۋاكنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرنى يۈكسەك پەللىگەن كۆتۈرۈلگەن بىر تەرەققىيات بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 50 يىلدىن كېيىن، پۈتۈنلەي يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلىرىمىزگە تايىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋاكسىنىمىزنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز ئورۇن ئالدى. ئىشلىتىلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئېلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، سىنوۋاك ۋە بىئونتېكتىن كېيىن يەرلىك ۋاكسىنىمىز تۇركوۋاكنىمۇ خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىگە سۇنىمىز، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنىمىز، ئۇلارنىڭمۇ شىپالىق تېپىشى ئۈچۈن پايدىلىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بىز دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ۋاكسىنا تەتقىقات قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولىدىغان <ھىفزۇسسىھھە> تۈرىنى ئەنقەرەدە روياپقا چىقىرىمىز. (بۇنىڭ ئۈچۈن) پات ئارىدا خېرىدار چاقىرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ 8- سۈنئىي ھەمراھى «Türksat 5B» ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، تېسلا ۋە SpaceX نىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسك بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە يېڭى تۈرلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم تېخنىكىسىنىڭ كونكرېت ۋە لاياقەتلىك تەجرىبە ۋە ئۇل ئەسلىھە تەلەپ قىلىدىغان تېخنىكا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

%100 يەرلىك سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان Türksat 6A سۈنئىي ھەمراھىنىڭمۇ 2023- يىلى SpaceX شىركىتىگە تەۋە Falcon 9 راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بۆسۈشلىرىمىز، يېتىشتۈرگەن لاياقەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقىمىز ۋە قۇرغان ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز سايىسىدا ئالەم بوشلۇقىدىكى مەۋجۇدىيىتىمىز كۈچىيىدۇ. بىز ھەتتا بۇ جەھەتتە ئېكسپورت قىلىدىغان ھالەتكىمۇ كېلىمىز» دېدى.

ئەردوغان «ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تۈركىيەنى قانداق بىر كېلەچەك كۈتۈۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالغا: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئافرىقادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە دېگۈدەك ئەلچىخانا ئېچىش ئارقىلىق ئافرىقانىڭ ھەممىلا يېرىدە مەۋجۇت بولۇشنى خالايمىز. يەر ئاستى – يەر ئۈستى بارلىق بايلىقلىرى مەسىلىسىدىمۇ يەنە ئافرىقا بىلەن تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە مېڭىشنى خالايمىز. تۈركىيە <سىلەرمۇ پايدا ئېلىڭلار، بىزمۇ پايدا ئالايلى، بىرلىكتە پايدا ئالايلى> دەۋاتىمىز، توغرىسى ئافرىقا دۆلەتلىرىمۇ بۇ جەھەتتە بىزگە ئىشىنىدۇ. <بىرلىكتە قىلايلى> دەۋاتىدۇ. ھازىر بۇ نۇقتىغا كەلدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر