ئەردوغان: نىشانىمىز دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مەقسىتىنىڭ تۈركىيەنى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1752350
ئەردوغان: نىشانىمىز دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئىستانبۇل دولماباھچەدىكى ئىشخانىسىدا ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ئاكادېمىكلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا سۆز قىلدى.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن يېقىنقى 20 يىلدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تاماملىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن 2002 – يىلىدا تۈركىيە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا تۆلەيدىغان قەرزىنىڭ 23 مىليارد 500 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى، 2013- يىلى مايدا بۇ قەرزنى تۆلەپ تۆگەتكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بىز نۆۋەتتە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا قەرزدار ئەمەسمىز، شۇنداقلا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىزمۇ يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن مەركىزى بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 115 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «(زاپاس پۇل) بۇ يۈزلىنىش بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھالەتكە كېلىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈش» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مالىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ئورنىتىۋالساق، دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ياز ئايلىرىدا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىقتىسادىي ھاۋارايىغا كىرگەنلىكىگە شاھىت بولىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر