تۈركىيە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم تارقاتتى.

1751394
تۈركىيە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئىراق ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى فەرھات سۇرمەلى ئىراق قىزىل ئاي جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇشتەپە رايونىدا ياردەم تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇرمەلى 2000 قىشلىق كىيىم، 500 ئەدىيال، 380 ئۇخلاش تۇلۇمى ۋە 2000 پايپاقنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئېربىلدا 17-دېكابىر ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ۋىلايەتتىكى نۇرغۇن مەھەللە ۋە رايونلاردا يۈز بەرگەن كەلكۈندە 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

كەلكۈن سۈيىدە يوقاپ كەتكەن 2 كىشىنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر