سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان 10 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1750976
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىردىنبىر مۇددىئاسى رايوندا قان تۆكۈشتىن ئىبارەت بولغان تېررورچىلارنى لايىق رەۋىشتە جازالاشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز! قەھرىمان ئارمىيەمىز تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان تېررورچىلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، 10 پ ك ك / ي پ گ ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر