ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كىرىزىسقا قارشى زور ئىشەنچىسى ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يەر شارى كىرىزىسىغا قارشى ئۆز ئۆزىگە بولغان زور ئىشەنچىسىنىڭ ئارقىسىدا كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھەگە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ نۇقتىلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

1749867
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كىرىزىسقا قارشى زور ئىشەنچىسى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن (19- دىكابىر) دولماباخچە سارىيىدا ئىلىم تارقىتىش فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 2021-يىللىق ئىلىم تارقىتىش مۇكاپاتلىرى مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىقتىساد ئۈستىدە توختىلىپ، دۆلەتتە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن يېقىنقى 19 يىلدا، مائارىپتىن سەھىيەگىچە، بىخەتەرلىكتىن ئادلىيەگىچە، قاتناشتىن ئېنېرگىيەگىچە ۋە شەھەر پىلانىدىن تەنتەربىيەگىچە بولغان ھەر ساھەدە قۇرۇلغان كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھەلەر بىلەن مىللەتنى ھەقلىق بولغان تۇرمۇش سەۋىيىسىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان:  «تۈركىيە يەرشارى كرىزىسىغا قارشى بۇنچە چېدامچان بولغان بولسا، ھەمدە كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتا بۇنچە ئىشەنچكە تولغان بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا دەل مانا بۇ كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھەلەر بار ئىدى. ئەمدىلىكتە بىز ئىقتىسادتا ئوخشاشلا كۈرەشنى قىلىۋاتىمىز»دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «ئېشىش سۈرئىتىمىزنىڭ نىسبەتلىرى بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئېكسپورت ۋە خامچوت تەڭپۇڭلۇقىمىزغا ئىشارەت قىلماقتا. بارلىق كۆرسەتكۈچلەر دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياۋى مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ھۆكۈمەت يولغا قويغان ئىقتىسادىي سىياسەت پۈتۈنلەي بەلگىلىگەن يۆنىلىشتە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. تۈركىيە ئىقتىسادى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشقىنىغا ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەركىن بازار ئىگىلىكىنىڭ قائىدە - قانۇنلىرىغا ماس ھالدا يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر