تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك 8 - سۈنئىي ھەمراھى بولغان «Turksat 5B» ئامېرىكادىن قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيەنىڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھى «Turksat 5B» تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06:58 دە ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىغا جايلاشقان كېپ كاناۋېرال بازىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلوقىغا قويۇپ بېرىلدى.

1749433
تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك 8 - سۈنئىي ھەمراھى بولغان «Turksat 5B»  ئامېرىكادىن قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايدىلىق يۈك توشۇش ئىقتىدارى ۋە قۇۋۋەت قىممىتى بىلەن تۇركسات سۈنئىي ھەمراھ ئەترىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەزاسى بولىدىغان «Turksat 5B» خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، «Space X» شىركىتىگە تەۋە «Falcon 9» راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا يوللاندى.

«Turksat 5B» سۈنئىي ھەمراھى تۈركىيەدىن باشقا يەنە، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق، پارس قولتۇقى، قىزىل دېڭىز، ئاق دېڭىز، شىمالىي ۋە شەرقىي ئافرىقا، نىگېرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە يېقىن قوشنا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىدە خىزمەت قىلىدۇ. چاستوتا قايتا ئىشلىتىش ۋە كۆپ نۇرلۇق قاپلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىلىدۇ، «Ka-Bant» پايدىلىق قانال يۈكى بىلەن ئومۇمىي سىغىمى «55 Gbps» دىن ئاشىدىغان مەلۇمات يەتكۈزۈزش ئىقتىدارىغا ئىگە.

«Turksat 5B» سۈنئىي ھەمراھى تەمىنلىگەن يۇقىرى سانلىق مەلۇمات سىغىمى بىلەن تۈركىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرى كۆزىتەلمىگەن جايلارغا يېتىپ بارالايدۇ ۋە ئىنتېرنېت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرالايدۇ.

«Turksat 5B» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، تۈركساتنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي سۈنئىي ھەمراھ ئانتېننا ئائىلىسىنىڭ «PeycON» مۇلازىمەتلىرىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ۋە سۈرئىتى كۈچەيتىلىدۇ.

سۈنئىي ھەمراھ بىلەن قاپلىنىش رايونىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، MicrON ، AerON ، HidrON ۋە TerrON ئانتېننا ئائىلىسىنىڭ ئورگان تورى ۋە IP يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى بىلەن بىرگە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ سانى 5 كە، ئومۇمىي سۈنئىي ھەمراھ سانى 8 گە چىققان بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر