تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 191 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 191 كىشىىگە يەتتى.
1749425
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 342 مىڭ 183 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 17 مىڭ 644 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 25 مىڭ 568 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 123 مىليون 625 مىڭ 349 گە يەتتى.