قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى.

1748006
قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە بىر تېررورچىنىڭ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى، مەزكۇر تېررورچىنىڭ 1989 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ سانى 194 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر