ئەردوغان ياۋروپانىڭ ئوسمان كاۋالاغا مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار زىيارىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1744737
ئەردوغان ياۋروپانىڭ ئوسمان كاۋالاغا مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك يىغىنىنى دوھادا ئاچقانلىقلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە شەيخ تەمىم بىلەن ئايرىم ھەمدە ھەيئەتلەر ئارا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى، قاتار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ۋە يېڭى ساھەلەرگە كېڭەيتىلىشى توغرىسىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېتى ناملىق مىنىستىرلار كومىتېتىنىڭ سودىگەر ئوسمان كاۋالا مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ تۈركىيەگە قانۇننى دەپسەندە قىلىش جازاسى بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «بىز ئۆز ئەدلىيەمىزنىڭ قارارىدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى قارارىنى ئېتىراپ قىلمايمىز، ئۇلار ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى قىلسۇن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر