ئەردوغان قاتاردا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

1744066
ئەردوغان قاتاردا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىرلىك دىۋانىدا ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىنىڭ مۇراسىم ساھەسىدىن ئورۇن ئېلىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى.

كېيىنچە ھەيئەتلىرىنى بىر - بىرىگە تونۇشتۇرغان ئىككى  رەھبەر، رەسمىي قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئايرىم كۆرۈشتى.

  مۇراسىمدىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش،  دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىرلى، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەھبىرى، قوشۇمچە پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش قاتارلىقلارمۇ ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر