ئەردوغان پاراۋانلىقنى كېڭەيتىدىغان يېڭى پروگرامما ھەققىدە سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت ۋە ئېشىشنى مەركەز قىلغان يېڭى پروگراممىمىز بىلەن پاراۋانلىقنى كېڭەيتىمىز» دېدى.

1743307
ئەردوغان پاراۋانلىقنى كېڭەيتىدىغان يېڭى پروگرامما ھەققىدە سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىيىرت زىيارىتى جەريانىدا، «دېموكراتىيە نۇتۇقلىرى» پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ئەردوغان سىياسىي ئەركىنلىك بىلەن ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنىڭ مىدالىيوننىڭ ئىككى يۈزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ۋە بىرسى بولمىسا، يەنە بىرىنىڭ مەنىسى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز بارلىق پۇقرالىرىمىزنى مەملىكەتتە قانداقلارچە ئەڭ كەڭ ھەق - ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك بىلەن تەمىنلىگەن بولساق، ئىنشائاللاھ، مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت ۋە ئېشىشنى ئاساس قىلغان يېڭى پروگراممىمىز بىلەن ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى يەنە شۇنداق كېڭەيتىمىز. بۈگۈن دېموكراتىيەنى سۆزلىشىۋاتىمىز، ئىنشائاللاھ ئەتە مىللىتىمىزنىڭ پاراۋانلىقىنى قانداق ئاشۇرغانلىقىمىزنىڭ ھېسابىنى قىلىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر