چەلىك جەنۇبىي قىبرىستا جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىدە لارناكادىكى چوڭ جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1743529
چەلىك جەنۇبىي قىبرىستا جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەلىك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىدە لارناكادىكى چوڭ جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ھەمدە رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلام ۋە تۈرك دۈشمەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان بۇ ھۇجۇملارغا قارشى يېتەرلىك تەدبىرلەرنى قوللانمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇم ھاكىمىيىتى بۇلتۇر ئوخشاش شەكىلدىكى ئىغۋاگەرلىك ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىققاندا ۋەقەنى پائال تەكشۈرمىدى، بۇنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە يەنە ئوخشاش شەكىلدە قەبىھ بىر ۋەقە يۈز بەردى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارى، ئىسلام ۋە تۈرك دۈشمەنلىكىنى تەشۋىق قىلغانلاردۇر، بۇنداق نومۇسسىزلارچە ھۇجۇملارنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن،  قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنى دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىمىز، دەرۋەقە، رۇم ھاكىمىيىتى، بۇ قەبىھ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ چىقىپ، تۇتۇشى ۋە قانۇن ئالدىدا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلاردىن ھېساب سورىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر