شەنتوپ پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىنى كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1742680
شەنتوپ پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىنى كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ،  پولشا زىيارىتى توغرۇلۇق مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئۆتكەنلىكىنى، تۈركىيە – پولشا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى، يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يولىدا تېخىمۇ كۆپ غەيرەت كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، پولشا – بېلارۇسىيە چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن كۆچمەنلەر كىرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، كۆچمەنلەر كىرىزىسىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانىڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئۇدا 10 يىلدىن بۇيان 5 مىليون ئەتراپىدا كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلماقتا، تۈركىيە دۇنيا بويىچە تەرتىپسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئەڭ زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن دۆلەتتۇر، ئەمما بىز بۇ مەسىلىنى، پەقەت مەلۇم دۆلەتلەرگىلا، پەقەت كۆچمەنلەرنىڭ ئۆتۈش ئېغىزىدىكى دۆلەتلەرگىلا، پەقەت كۆچمەنلىك مەنبەسى بولۇپ قالغان قوشنا دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك يەر شارىۋى بىر مەسىلە، دەپ قارايمىز.»

پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھەقتە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن شەنتوپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۆچمەنلىك مەسىلىسىدە يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىشى لازىم، ھەمدە بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ مەلۇم دۆلەتلەرنىڭلا زىممىسىگە يۈكلىنىپ قېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك، دەرۋەقە، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى پۈتكۈل دۇنياغا ئائىتتۇر، ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيىتى باردۇر؛ چۈنكى ئاشۇ دۆلەتلەرنى ياشىغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئامىل، بىر قىسىم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىدۇر، شۇ ۋەجىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى سەۋەبچى بولغان مەسىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار، بولمىسا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، پۈتكۈل دۇنيانى ئاۋارىچىلىككە سالىدىغان تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر