تۈركىيە ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئەزەربەيجاندا قاراھەيبەت ھاۋا مەشىق ساھەسىدە چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاندا شېھىت بولغانلار ئۈچۈن تەزىيە  باياناتى ئېلان قىلدى.

1740878
تۈركىيە ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ  خىزى رايونىنىڭ قاراھەيبەت ھاۋا مەشىق ساھەسىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن ۋە قازادا شېھىت بولۇش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شېھىتلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەندى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاندا دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىغا ئائىت بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق، بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسىدە ئارىمىزدىن ئايىرىلىپ قالغان شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىدارلىرىمىزغا شىپالىق تىلەيمىز، پۈتكۈل ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز.»

ئەزەربەيجاندا دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، خىزى رايونىنىڭ قاراھەيبەت ھاۋا مەشىق ساھەسىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر