تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 192 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قاا قىلغانلارنىڭ سانى 192 كىشىىگە يەتتى
1739679
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 358 مىڭ 274 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 23 مىڭ 759 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 25 مىڭ 103 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 120 مىليون 58 مىڭ 425 گە يەتتى.