ئەردوغان ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 25- نويابىر خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى يوقىتىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تېلېگرامما تارقاتتى.

1738995
ئەردوغان ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «25-نويابىر خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش كۈنىنىڭ، ئالدى بىلەن ئېتىقادىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزنىڭ سىرتىدىكى بۇ مەسىلىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 25- نويابىر خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى يوقىتىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تېلېگرامما تارقىتىپ: «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق — ئەپسۇسكى—  پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە. شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، خانىم – قىزلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئانىمىزنىڭ، ئايالىمىزنىڭ، قىزىمىزنىڭ ھەققىنى، ھوقۇقىنى، ئىززەت – ئابرويىنى قوغداش كۈرىشىدۇر. بۇ مەسىلىنى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئېتىقادى، تىرىشچانلىقى ۋە ھەمكارلىقى سايىسىدا يوقىتىش مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەنگەن تېلېگراممسىىدا يەنە: «بىز ھازىرغىچە ھەر ساھەدىكى ھوقۇق كۈرىشىدە ئاياللارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز. ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي قىممەت قارىشىمىزنى كۈچەيتىش ئارقىلىق — ئىنشائاللاھ — پۈتۈنلەي يوقىتىمىز، ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر