تۈركىيە رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە رۇسىيەنىڭ كۇزباس رايونىدىكى بىر كاندا يۈز بەرگەن قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.
1739376
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كۇزباس رايونىدىكى بىر كاندا يۈز بەرگەن ھادىسىدە كەم دېگەندە 52 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەلقىنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىنى ئورتاقلىشىمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايمىز ھەم تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»