مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى لىۋىيەدىن 7 تۈركىيە  پۇقراسىنى قۇتقۇزۇپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ قاتار ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، 7 پۇقرا تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

1736564
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى لىۋىيەدىن 7 تۈركىيە  پۇقراسىنى قۇتقۇزۇپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ شەرقىدە ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر بىلەن تەخمىنەن 2 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 7 تۈركىيە پۇقراسى، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ قاتار ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئاساسەن دېگۈدەك رىستورانچىلىق ساھەسىدە ئىش قىلىدىغان ئىلكەر ساغلىق، دوگان قىسسا، نۇرەتتىن چالىك، خالىل گۈزەل، ئەھمەت سەلۋى، ھىدايەت ياپراق ۋە ئابدۇل سەمەت ئاكچاي قاتارلىق پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

قاتار ئىستىخبارات تەشكىلاتىمۇ تۆھپە قوشقان خىزمەت نەتىجىسىدە، تۈركىيە پۇقرالىرى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى.

بۇ ئارىلىقتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يۇرتلىرىغا قايتقان پۇقرالار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ھال سورىدى.

پۇقرالارمۇ دۆلەتنىڭ بۇ جەرياندا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، پۇقرالارنىڭ دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىنىشىگە تۆھپە قوشقانلارغىمۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر