قالىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1736341
قالىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، مۇداپىئە ساھەسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يەر شارىۋى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. شۇنداقلا، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە تېررورىزمدىن تازىلىنىشى، لىۋىيەدىكى سىياسىي  باسقۇچ ۋە سايلاملار، ئۈستۈن قاراباغدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا تۇغۇلغان ئەندىشىلەر، بېلارۇسىيە – پولشا چېگراسىدىكى سۈركىلىنىشنى ھەل قىلىش ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىلىرى  تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئوتتۇرىسىدا، ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا چاقىرىلغان 20 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك مېخانىزمنىڭ  تەپسىلاتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر