مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە لىۋاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە لىۋاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

1733925
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە لىۋاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىىدىغان ئۇچرىشىش ۋە مۇزاكىرىلەردە، لىۋان بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتەرنى ئوخشىمىغان ساھەلەردە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر بىلەن رايۇنلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ  مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەربىل ۋەھبې بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا يەنە، لىۋان پىرېزىدېنتى مىشەل ئاۋن، پارلامېنت باشلىقى نەبىھ بەررى ۋە باش مىنىستىر نەجىپ مىقاتى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر