ئىزمىردە 100 دىن ئارتۇق تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ ئۇرلا، دىكىلى، سەفەرىھىسار ۋە چەشمە ناھىيەللىرىدە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 157 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1728053
ئىزمىردە 100 دىن ئارتۇق تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، 30 – ئۆكتەبىر كۈنى، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ ئۇرلا ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 28 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان، شۇنداقلا، دىكىلى ناھىيەسىنىڭ دەنىزكۆي دېڭىز تەۋەلىكىدە 33، سەفەرىھىسار  دېڭىز تەۋەلىكىدە 24، چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 72 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

157 تەرتىپسىز كۆچمەن، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر