تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 210 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 210 كىشىىگە يەتتى.

1726023
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 210 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 355 مىڭ 947 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 29 مىڭ 894 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 30 مىڭ 542 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 115 مىليون 866 مىڭ 511 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر